دانىلد ترامپنىڭ 2-قېتىم ئەلبېشىلىق مەزگىلدىكى تاموژنا باجلىرى

دانلىد ترامپنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئېلىنغان ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىنتىقام خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى جەدۋېلى

ئامېرىكا ئەلبېشى دانلىد ترامپ 2025- يىلى 6-يانۋار 2-قېتىم ماقامغا ئولتۇرۇغاندىن كېيىن نۇرغۇن دراماتىك سىياسەتلەرنى يولغان قويغان، مەمۇرى بۇيرۇقلارنى ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى دەل "ھۆرلۈك كۈنى" دەپ نام ئالغان 2025-يىلى 2-ئاپرېل ئېلان قىلغان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرگە قارتا يۈرگۈزگەن تاموژنا باجلىرىدۇر. دانلىد ترامپنىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى دەل ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئەللەر بىلەن، بولۇپمۇ جوڭگو بىلەن بولغان، زور سوممۇلۇق قىزىل رەقەملىك ئىمپورت-ئېكىسپورت تىجارىتىدۇر. ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئېكسىپورت قىلىشقا ئەڭ قىزىقىدىغان دۆلەتتۇر، شۇ ئارقىلىق قاتتىق پۇل دەپ نام ئالغان ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىپ، خەلىقئارا بازاردىن ئۆزىگە لازىم بولغان بۇيۇملارنى سېتىۋالدۇ. شۇڭىلاشقا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىنتىقام ئالدىغان تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ھەددىدىن ئارتۇقچە قوللانماي، ئەكسىچە، دانلىد ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسە قىلىشىشىنى، كېڭىشىشىنى تاللىغان. لېكىن جوڭگو ھۆكۈمىتى باشقىچە ئۇسۇل، يەنى ئىنتىقام باج سىياسىتى قوللىنىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن "ئاخىرغىچە ھەمدەمدە بولدىغانلىقىنى" قەيىت قىلغان.

جوڭگو - ئا ق ش تاموژنا بېجى ھەججىۋى كارتونى
ئا ق ش ئەلبېشى دانلىد ترامپ "ھۆرۈلۈك كۈنى" دە تاموژنا بېجى ئېلان قىلماقتا
Prefix: a b c d e f g h i j k l m n o p q r s t u v w x y z 0 1 2 3 4 5 6 7 8 9

Portal di Ensiklopedia Dunia

Kembali kehalaman sebelumnya